گوللاندىيە ئالىملىرىنىڭ گېن تېخنىكىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى غۇلغۇلا قوزغىدى
2021.10.06
يېقىندا گوللاندىيەدىكى ئەڭ داڭلىق ئۈچ تەجرىبىخانىنىڭ خىتاي ئالىملىرى بىلەن گېن تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتا ئۇزۇندىن بېرى ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ساھەدىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ باشقا سەلبىي مەزمۇنلارغا چېتىلىپ قېلىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
«گوللاندىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ھەمكارلىق ئاساسىدىكى تەجرىبىدە شەخسلەرنىڭ گېن ئارخىپى ھەمدە چىراي تونۇش تېخنىكىسى ئاساسىي تېما قىلىغان ئىكەن. گەرچە گوللاندىيە قانۇن تارماقلىرى بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق جىنايەتچىلەرنى ئىز قوغلاشنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلار ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلار سىستېمىسىنى ماڭدۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. يەنە كېلىپ بۇ تەتقىقاتلارنىڭ يەتتە قېتىملىقىدا ئىشلىتىلگەن گېن ئەۋرىشكىلىرى ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇلاردىن ئۈچى قان ئەۋرىشكىسى ئىكەن. بۇلارنى تەمىنلىگەن ئورۇن خىتاي جامائەت خەۋپىسزلىك مىنىستىرلىكى بولۇپ، بۇ ئەۋرىشكىلەرنى ئالغاندا، ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان ياكى ئالمىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن.
لۇۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۋېس موراۋ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە «گوللاندىيە ئالىملىرىنىڭ گېن تەتقىقاتىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى تۈپتىن خاتا بولغان بىر ھەرىكەت. چۈنكى خىتايدا شەخسلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش ھۆكۈمەت ئۈچۈن بىردەملىك ئىش،» دېگەن. بۇ تەتقىقاتلار بىلەن مەشغۇل بولغان تەجرىبىخانىنىڭ بىرى لېيدىن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇ مەسىلىگە ئىزاھ بېرىپ: «بىز پەقەت خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلاشتۇق. ئۇلار خىتاي ساقچى سىستېمىسىغا مەنسۇپ ئەمەس،» دېگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىملاردىن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭمۇ خىتاي ئالىملىرى بىلەن مۇشۇ خىلدىكى ھەمكارلاشما تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى مەلۇم بولغان ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.