خىتاي ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ ھالقىلىق ماددىسى بولغان گىرافىت ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 20-ئۆكتەبىر كۈنى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ ھالقىلىق خام ئەشياسى بولغان گىرافىت ماددىسىغا قارىتا ئېكسپورت كونترولى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. گىرافىت بىر خىل يۇمشاق كاربون كان مەھسۇلاتى بولۇپ، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەلىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق تەركىبى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىرافىت ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ، خىتاي دۇنيا گىرافىت مەھسۇلاتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونى ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گىرافىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا، خىتاينىڭ يەر شارى تەبىئىي گىرافىت ماددىسىنىڭ 67 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ يەنە گىرافىت ماددىسىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئېلېكتىرلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىگە قوللىنىشتا دۇنيا مەھسۇلاتىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپ قىسمىنى كونترول قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى گىرافىت ۋە باشقا قىممەتلىك مىنېرال كان مەھسۇلاتلىرى ئاقسۇنىڭ باي، ئونسۇ، بايىنغولىننىڭ چاقىلىق، سانجىنىڭ گۇچۇڭ، خۇاڭياڭشەن، قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول، تۇرپاننىڭ پىچان، ئالتاينىڭ چىڭگىل، كۆكتوقاي، جېمىنەي، بۆرۈلتوقاي، شۇنىڭدەك ئىلىنىڭ تېكەس، تارباغاتاينىڭ تولى قاتارلىق جايلىرىغا تارقالغانىكەن. ھالبۇكى، چەتئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى خىتاينىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كانلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ يىل 1-دېكابىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ بەلگىلىمە ھېچقانداق دۆلەتنى نىشان قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ گىرافىت ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشى، ئامېرىكانىڭ يېقىندا خىتايغا يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشنى ئىلگىرىلەپ چەكلەشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.