خىتاي توردا ھەربىي ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن
2025.02.11
خىتاي دائىرىلىرى يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، توردا خىتاي ئارمىيەسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋە ھەمبەھىرلەشكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى بەلگىلىمە 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن. خىتاي ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر قوراللىق كۈچ قۇرۇپ چىقىشقا قاتتىق تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ ھەربىي ئۇچۇرلارغا بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئامېرىكا كابىللىق خەۋەرلەر تورى-CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىسى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر مەنبەلىرىگە ئېرىشىشكە توسقۇنلۇق قىىدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە، خىتاينىڭ بۇ بەلگىلىمىسى خەلقئارالىق گېئو-سىياسى تىركىشىش كۈچەيتگەن بىر پەيتتە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش يولىدىكى ئاخىرىقى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارالماقتا.
CNN ئېيتىشىچە، بۇ بەلگىلىمە خىتاي ھەربىي تور بلوگى ۋە ئانالىزچىلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قورال سىستېمىسى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە دائىر ۋىدېيو ياكى ئۇچۇرلارنى توردا ھامبەھىرلىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ يېڭى بەلگىلىمە «خاتا ھەربىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش»، «ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلاش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. بەلگىلىمە قورال-ياراق سىستېمىلىرىنىڭ تەرەققىياتى، سىناق قىلىنىشىدىن تارتىپ، ھەربىي مانىۋېر ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ يۆتكىلىشى، شۇنىڭدەك ھەربىي قىسىملارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى، ۋەزىپىسى ھەم ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغىچە بولغان، ئىلگىرى رەسمىي ئاشكارىلانمىغان بارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
CNN نىڭ خەۋىرىدە، بۇ بەلگىلىمە خىتايدىكى شەخسىي ھەربىي تور يازغۇچىلىرىنى ۋە ئانالىزچىلىرىنى نىشان قىلغانلىقى، ئىلگىرى خىتايدىكى ئوچۇق ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت ئاچقۇچلۇق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ بەلگىلىمە بېيجىڭنىڭ باشقا جايلاردىن تەيۋەن بوغۇزىغا قوشۇن توپلاپ كەڭ كۆلەملىك مانىۋېر قىلىشى ياكى ھەربىي يىغىلىشىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىنى توسۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە ئىكەن.