خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىكى كاشىلا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى تازىلىشىغا سەۋەب بولغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.08

يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيەسىگە قارىتا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ راكېتا قىسىملىرىغا قارىتا قاتتىق تازىلاش ئېلىپ بېرىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانىدى. ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 6-يانۋار ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى شى جىنپىڭنىڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىشىغا خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەب بولغانلىقى، يەنى خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا يېقىلغۇ ئەمەس، بەلكى سۇ قاچىلىنىشى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى تازىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن. شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى تازىلاش ھەرىكىتى خىتاي ئارمىيەسىدىكى چېرىكلىكنىڭ ئۇنىڭ ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا سوئال قويۇلۇشىدىن كېيىن باشلانغان.

 «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي راكېتا قوشۇنلىرىنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە مۇداپىئە سانائىتىدىكى چېرىكلىك ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەر، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا شى جىنپىڭنىڭ چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى ئويلاش مۇمكىنچىلىكى يوق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 ئامېرىكانىڭ ئىستىخبارات دوكلاتلىرىدا، خىتاي ئارمىيەسىدىكى چېرىكلىككە دائىر بىر قانچە مىسال نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا يېقىلغۇ ئورنىدا سۇ قاچىلىنىشى، خىتاينىڭ غەربىي رايونىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەسلىھەلىرىنىڭ بومبا قويۇپ بېرىشتە ئۈنۈملۈك ئىشلىمەيدىغانلىقىغا ئائىت ۋەقەلەر مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئىستىخبارات دوكلاتلىرىدا، خىتاي ئارمىيەسىدىكى چېرىكلىك ئۇنىڭ ئومۇمى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىغا، بولۇپمۇ راكېتا قىسىملىرىغا بولغان ئىشەنچىنى ئازايتقانلىقى تەكىتلەنگەن. خىتاي ئارمىيەسىدىكى چېرىكلىك يېقىنقى 6 ئايدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە راكېتا قىسىملىرى قوماندانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارنىڭ قولغا ئېلىنىشى ياكى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ، خىتاي ھازىرقى زامان تارىخىدا ھەربىي قىسىملاردىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تازىلاش ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.