خىتاي باش تاموژنىسىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانىۋاردىن ئۆكتەبىر ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئىمپورت ۋە ئېكىسپورتى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 8.5 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت مىقدارى % 2.5 تۆۋەنلىگەن؛ ئىمپورت مىقدارى بولسا % 15.7 تۆۋەنلىگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ھازىرقى تاشقى سودا ئوبوروتىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا بۇ يىل تاشقى سودا ئەھۋالى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن» دېگەن.
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، تاشقى بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشى، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىشى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ زور دەرىجىدىكى تەڭشىلىشى تۈپەيلىدىن ئىمپورت ۋە ئېكىسپورتتىكى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەش يۈز بەرگەن.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي چوڭ سودا دۆلىتى بولسمۇ، ھازىرچە تېخى كۈچلۈك سودا دۆلىتى ھېسابلانمايدىكەن. شۇڭا خىتاي دۆلىتى بۇ خىل مۈشكۈل ئەھۋالدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن سودا مىنىستىرلىقى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇناسىپ تەدبىر ھەققىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن.