ئۇيغۇر ئېلى باھار پەسلىدە خىتايدىن 561 «ئىختىساس ئىگىسى» ئەكەلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017.04.22


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل باھار پەسلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 561 «ئىختىساس ئىگىسى» ئەكەلگەن.

سىنا تورىنىڭ «ئۈرۈمچى ئاستانە سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەردىن نەقىل خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ خادىملارنىڭ ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاالمىش «ئىختىساس ئىگىلىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلار رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئىختىساسلىقلار جىددىي كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن.

بۇلار خىتاينىڭ چىڭخۇا، فۇدەن، ۋە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەن.

بۇلار ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات كومىتېتى، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، غۇلجا، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىكى كەسپىي ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭمۇ خىزمەت تېپىشتا قىينىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سورىلىۋاتقان پەيتلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بۇ ئاينىڭ بېشىدىكى بىر پارچە خەۋىرىدە 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە 30 مىڭغا يېقىن ئىختىساسلىق خادىم جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئاشكارىلىغان.

ئەمما بۇ خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن يەرلىكلەرنىڭ بەھرىمەن قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىش مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. رادىئومىز ئالدىنقى يىلى قاراماي شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز يۈرگەن ئۇيغۇر ۋە قازاق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئەرز تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.