لى كېچياڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە داۋالغۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.09.19

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ساھەدە داۋالغۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى بۈگۈن يەنى 19-سېنتەبىر كۈنى تيەنجىندە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ سۆزىدە خىتاي ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىي بىلەن كۆپ جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولغاچقا، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى مۇقىم سۈرئەتتە ئېلىپ مېڭىشتا بىر قاتار زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ CNBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن فاڭ شىڭخەي شۇ يىغىندا سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەدبىرلىرىنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بۈگۈنكى سۆزىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى داۋالغۇش ئالامەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقىدىن يەنە خىتاينىڭ بۇ داۋالغۇشتىن راھەتسىز ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ يۈز بەرگۈسى ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارىتا تەييارلىق تەدبىرلىرى بارلىقىنى بايان قىلغان.

خەلقئارا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مېلىغا قويۇلىدىغان چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ 60 مىليارد دوللارلىق مېلىغا چېگرا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.