خىتاي بىلەن ئىران «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا ۋىدىيولۇق يىغىن ئۆتكۈزگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.15

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۆزىنى بوياش قىلمىشلىرى ھەر ۋاقىتتىكىدىن بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، قوللىنىۋاتقان ھىيلە-نەيرەڭ ۋاسىتىلىرىمۇ كۆپ خىللىشىشقا باشلىغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 13-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىراننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدا ۋىدىيولۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭدىكى مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرى» نى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرىنىڭ «خىتايغا قارشى سەپسەتىلىرى» گە رەددىيە بەرگەن.

يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن غەرب كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭنى قورقۇنچلۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، «خىتاي شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ» دېگەن گەپنىڭ «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەت» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن «كۇرسانتلار»، ئىماملار، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپقانلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

ئىران ۋەكىللىرى بۇ قېتىملىق يىغىن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا نەقەدەر كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇ يەرگە بارغاندا بۇ رايوندىكى چوڭ تەرەققىياتنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىشقان.

تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ بۇنداق پائالىيەتلىرىنىڭ ئىران بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆزى مۇھىم دەپ قارىغان قوشنىلىرىدىن پاكىستان، ئافغانىستان ۋە باشقا دۆلەت ئەلچىخانىلىرى بىلەنمۇ بۇ شەكىلدە ۋىدىيولۇق يىغىن ئۆتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ يىغىن ئەمەس، خىتاينىڭ ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كۆز بويامچىلىق، تەشۋىقات ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.