كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى تەھدىت خاراكتېرلىك «تىل ئۇرۇشى» يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بىر مەزگىلدە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 19-سېنتەبىر كۈنىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ، ئىران ناھايىتى «خەتەرلىك» بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە ئۇنى يەمەن، سۈرىيە ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلماقتا، دېگەن.
شۇ كۈنى ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىيسى ئايەتۇللا ئېلى ھامىنىي ترامپنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئىران بېسىم ئالدىدا ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئىران يادرو كېلىشىمىگە قارىتا ھەرقانداق ‹خاتا ھەرىكەت› قوللانسا، ئىران ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.»
ئىران پرېزىدېنتى ھېسسەن روھانىي 22-سېنتەبىر كۈنى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتا سۆز قىلىپ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا ئىران ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك قىسىملىرىغا تېخىمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «ئىران ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشتا باشقا بىر دۆلەتتىن ئىجازەت سورىمايدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى يادرو مەسىلىسىنى ئۆزەك قىلغان سۈركىلىشلەر كۈچىيىشكە باشلىغان پەيتتە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئىرانغا يەل بېرىپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن. شىنخۋا تورى 19-سېنتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، «ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئىرانغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلەتتى. ئىرانغا قارىتىلغان جازا مۇددىتىنى ئۇزارتتى شۇنداقلا ئىران پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىدى،» دېگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قېتىملىق سۈركىلىشتىن پايدىلىنىپ، ئىران تەرەپكە داۋاملىق يەل بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.