خىتاينىڭ مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىدە بۇ يىل ئاۋغۇست تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، ئۆسۈش نىسبىتى 2016- يىلى مايدىن بۇيانقى ئەڭ توۋەن چەككە چۈشكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا، مۇلازىمەت ساھەسىدىكى ئۆسۈش ئاۋغۇستتا تۆۋەنلەپ، ئىيۇلدىكى 54.4 پوئىنتتىن ئاۋغۇستتا 53.4 پوئىنتقا چۈشكەن.
رويتېرستا بېرىلگەن بىر پارچە خەۋەرگە قارىغاندا، مۇلازىمەت ساھەسى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى جان-جەھلى بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئېكسپورتقا تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتىنى قايتا بالانس قىلىشنى كۆزلىگەن.
نەتىجىدە خىتاينىڭ مۇلازىمەت ساھىسىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسىدىكى سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچى بۇ ئاي ئالدىن پەرەز قىلىنغانغا قارىغاندا مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆسكەن.
خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ سانائەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى خام ئەشيا سېتىلىش كۆرسەتكۈچى ئاۋغۇستتا سەل ئۆسكەن ۋە ئىيۇلدىكى 51.4 پوئىنتتىن ئۆرلەپ ئاۋغۇستتا 51.7 پوئىنتقا چىققان.
ئەمما CNBC خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئۆسۈشىنى مەبلەغ سېلىش ساھەسى ۋە مېتال باھاسىدىكى ئۆسۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرۇش تەس ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل ئېلىشىچە، باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان «كاپىتال ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات ئورنى» دىكى خىتاي تەتقاتچىسى جۇلىيان ئېۋان مۇنداق دېگەن: «زاۋۇتلارنىڭ ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى قىسقارتىش ھەققىدىكى گۇمانلار سودا-سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان ھالقىلىق مېتاللارنىڭ باھاسىنى ئۈستۈرۈۋەتتى. بىزنىڭ پەرىزىمىزچە بۇ ئۆسۈشتە شۇ مېتال باھاسىدىكى ئۆسۈش ئەكس ئېتىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇ يېلىنىڭ يەنە بىر چارىكىدە مەبلەغ سېلىش چىقمىغىغا قارىتىلغان سىياسەت داۋاملىق چىڭىيدىغان بولسا، مەنچە، سانائەت ساھەسىدە كۆرۈلگەن نۆۋەتتىكى ئۆسۈش نىسبىتىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالماق ئىنتايىن تەس.»
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ياپونىيەدىكى «نومۇرا» تەتقىقات ئورنىمۇ ئۆز ئانالىزلىرىدا خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قەدەممۇ قەدەم تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.