ئافغانىستاندا تۇتۇلغان 10 خىتاي ئىشپيونى خىتايغا قايتۇرۇلغان

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئالدىنقى كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىل 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇل شەھرىدە تۇتۇلغان 10 خىتاي ئىشپيونى خىتايغا قايتۇرۇلغان.

ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ 10 خىتاينى جاسۇسلۇققا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ئاخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ جاسۇسلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خىتاينىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاينىڭ بۇ شەرتنى ئورۇنلىغان-ئورۇنلىمىغانلىقى ياكى باشقا ۋەدىلەرنى بېرىپ، بۇ 10 خىتاينى قايتۇرۇۋالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن.

بۇ خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بۇ خىتاي جاسۇسلىرى ئىچىدە ئىككى ئادەمنىڭ تالىبانغا تەۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى «ھەققانى تورى» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېيتقان. ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قارىشىچە، بۇ 10 خىتاي جاسۇسى ئافغانىستاندا ساختا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى پەيدا قىلماقچى ئىكەن.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قارشى ھالدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تېخى مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇرلارنى قايتا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ جاسۇسلارنى ئىشقا سالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.