خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان ئامېرىكادىكى خىتاي ئىنژېنېر 8 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2023.01.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان ئامېرىكادىكى خىتاي ئىنژېنېر جى چاۋچۈن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جى چاۋچۈن 2013-يىلى ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكاغا كەلگەن ۋە بۇ يەردە ئارمىيەگە قاتناشقان. ئۇ بۇ جەرياندا خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئۈچۈن ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىر قىسىم ئامېرىكالىق ئالىم ۋە ئىنژېنېرلارنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامېرىكانىڭ سانائەت ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى قانۇنسىز قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن پىلانلارغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ مۇھىم ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

جى چاۋچۈن 2018-يىلى 9-ئايدا قولغا ئېلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاي ئىستىخباراتىنى سەككىز كىشىنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى خىتاي ياكى تەيۋەندىن كەلگەن ۋە ياكى كېيىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ دېلو خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئوخاييو شىتاتىغا جايلاشقان ۋە دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئايروپىلان ماتورى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان GE ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى بولغان باشقا ئاۋىئاتسىيە شېركەتلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 31 ياشلىق جى چاۋچۈن، جياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى شۈ يەنجۈننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، شۈ يەنجۈن خىتاينىڭ بۇ ئىستىخبارات ھەرىكىتىدىكى مۇھىم شەخس ئىكەن. ئۇ 2018-يىلى بېلگىيەدە قولغا ئېلىنىپ، ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ۋە 2022-يىلى 11-ئايدا جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.