بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 10-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2017-يىلى ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر تور سىستېمىسىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، 140 مىليون ئامېرىكا پۇقراسىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كېتىش ۋەقەسى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا چېتىشلىق ئىكەن.
10-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مىسلىسىز تور خاككېرلىقى ئارقىلىق بۇنچە كۆپ پۇقرانىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنى ئوغرىلىشى تارىختا ئاز كۆرۈلگەن ۋەقە» دېگەن. شۇ قېتىمدا كىشىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك نومۇرى (SSN)، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېگەندەك ئۇچۇرلار تولۇق ئوغرىلانغانىكەن.
بۇ قېتىم ئەيىبلەنگەن تۆت ئەيىبكار خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە باغلىنىشلىق خادىملار بولۇپ، ئۇلار ئامېراكىدىكى خېرىدارلار مەلۇماتىنى توپلاشتىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان Equifax شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنى نىشان قىلغان. ئەمما بۇ ئەيىبكارلارنىڭ ھېچقايسىسى تېخى ھازىرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئەمەس ئىكەن. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا: «بىز بۇ ئارقىلىق بارلىق خاككېرلارغا شۇنى دېمەكچىمىزكى، بىز بىلەن ئويناشماڭلار. بىز سىلەرنى تاپالايمىز» دېگەن.