ئامېرىكادا خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئۆكتىچى خىتاي جاسۇسى بولۇپ چىققان
2024.08.07
ئامېرىكادا دېموكراتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئۆكتىچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان ۋاڭ شۇجۈننىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ، خىتاينى تەمىنلىگەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋاڭ شۇجۈننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېيتقان. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نيۇ-يوركتىكى فېدېراتسىيە زاسېداتېل ئۆمىكى 6-ئاۋغۇست كۈنى ۋاڭ شۇجۈن ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان. ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋاڭ شۇجۈننىڭ ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئىككى خىل كىملىك بىلەن ياشاپ، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانى بولغان دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
1994-يىلى ئامېرىكاغا كېلىپ، بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاڭ شۇجۈننىڭ كېيىنرەك ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ نيۇ-يوركتىكى كيۇنېس رايونىدا سابىق كومپارتىيە رەھبەرلىرىدىن «خۇ ياۋباڭ-جاۋ زېياڭ خاتىرە فوندى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ۋاڭ شۇجۈن 2022-يىلى 3-ئايدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە قارىتىلغان تۆت خىل جىنايەتنىڭ ھەممىسى رەت قىلغانىدى. لېكىن ئامېرىكا ياردەمچى تەپتىش ئەمەلدارى ئېللېن سىسې(Ellen Sise) ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا «جاۋابكار (ۋاڭ شۇجۈن) خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىدەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھېقىقى قارشى تۇرىدىغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماقچى بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئېللېن سىسېنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئاندىن كېيىن جاۋابكار خىتايغا بۇ كىشىلەر ھەققىدە ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بۇ كىشىلەرگە خىيانەت قىلغان».
ئامېرىكا تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋاڭ شۇجۈننىڭ خىتايغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن بىرىنىڭ، 1989-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ باشقا ئېلخەتلىرىدە ئامېرىكادا شى جىنپىڭغا قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارنى مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە تەپتىش ئەمەلدارلىرى 75 ياشلىق ۋاڭ شۇ جۈننىڭ 25-يىلغىچە بولغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.