كىتابقا نىقاپلانغان جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.09.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ھاياتى ۋە سىياسىي كۈرەش يولى بايان قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق ئەسەر يېقىندا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمما خىتاي جاسۇسلۇق تورىنىڭ بۇ ئەسەرنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تور جاسۇسلۇقىغا ۋاستە قىلىۋالغانلىقى پاش بولغاندىن كېيىن، ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.

«ھازىرقى زامان» تورىدا 6-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تور بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا «خىتاينىڭ ئەركىنلىك توزىقى» ناملىق ئەسەرنىڭ PDF نۇسخىسى شەكلىدە تەييارلانغان «ئاندرويىد» (Android) جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ تورغا قويۇۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى خىتاي تېرىتورىيەسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىتابنىڭ PDF شەكلىدىكى مۇقاۋىسى سىياقىدا تەييارلانغان ھۆججەتنى چېكىپ ئۇنى ئاچقان ھامان جاسۇسلۇق ۋىرۇسى شۇ كىشىنىڭ كومپيۇتېرىغا ئورنىشىپ ئۇچۇرلار، ئالاقە تىزىملىكى، تېلېفون خاتىرىسى، بارغان ئورۇنلار ۋە خاتىرىلەنگەن ئاۋاز قاتارلىقلارنى يىغىشقا باشلايدىكەن. «سايبل» (Cyble) تور بىخەتەرلىكى شىركىتى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئەۋج ئ‍ېلىۋاتقان توقۇنۇشنىڭ بىر ئىپادىسى ھازىر ئاشۇ كىتابنى يەمچۈك قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا تاشلانغان جاسۇسلۇق ۋىرۇسىدا ئەكس ئەتمەكتە. بۇ كىتابقا قىزىققۇچىلار توردىكى بۇ قىلتاققا دەسسىگەن ھامان جاسۇسلۇق ۋىرۇسى ئۇلارغا ھۇجۇمنى باشلايدۇ» دېگەن.

تەتقىقاتچىلار يەنە بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى چاپلاشقان تېلېفون ياكى كومپيۇتېردىن ئەسلى ئىگىسىگە بىلدۈرمەستىن تېلېفون بېرىش ياكى ئېلىش، ئۇچۇر يوللاش ياكى تاپشۇرىۋېلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى، جاسۇسلۇق ۋىرۇسىنىڭ يەنە ئېكران ۋە كامېرا مەزمۇنلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ باش ئاپپاراتقا يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جاسۇسلۇق ۋىرۇسى Google Play Store نىڭ سىرتىدىكى مەنبەدىن تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى «ياۋا مەنبە» لەرنى زىيارەت قىلغاندا قاتتىق ئېھتىيات قىلىش ئالاھىدە زۆرۈر ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.