تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل تەپتىش دائىرىلىرى رەسمىي ئەيىبنامە تەييارلاپ، يەتتە نەپەر گۇماندارنى خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. تۈركىيەنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى «كۈندىلىك سەھەر» گېزىتىنىڭ 17-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، گۇماندارلار كېلەر ھەپتە ئىستانبۇلدا سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىدىكەن، شۇنداقلا ھەر بىر گۇماندارغا 25 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئىستانبۇل باش تەپتىشى ئىشخانىسى، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ تۈركىيەدە ياشايدىغان، خىتايدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، ئەگەر ئۆزلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمىسە، خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«كۈندىلىك سەھەر» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە گۇماندارلار «سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق قىلىش مەقسىتىدە دۆلەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن. خەۋەردە، گۇماندارلار «شىنجاڭدىن كەلگەن كىشىلەر ۋە بۇ كىشىلەر ئەزا بولغان تۈركىيەدىكى تەشكىلاتلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىغان» دەپ قارىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
«كۈندىلىك سەھەر» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيىبنامىدە يەنە «خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ كىشىلەرگە مالىيە ياردىمىدە بولۇش، شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارتىپ بېرىش، ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىش بەدىلىگە كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ يەنە گۇماندارلارنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى سەۋەبىدىن، تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتەلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا. «كۈندىلىك سەھەر» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ گۇماندارلاردىن سادىق مەمەتئەزىزنىڭ خوڭكوڭ ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىغا ئائىت ئۇچۇرلا ر بىلەن تەمىنلەش ۋە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئۇلاردىن 132 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق پۇل ئېلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللارد ائىزچىل كۈچىيىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق كۆلەڭگە تاشلاپ كەلگەنىدى.
