خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ۋە چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى تېخىمۇ كۈچەيگەن
2024.11.01
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ۋە ئۆكتىچىلەرنى نىشان قىلغان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى داۋاملىق كۈچەيگەن. دوكلاتتا، بۇ دېلولارنىڭ بېيجىڭغا نازۇك ھەربىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە پاراكەندىچىلىك قىلىش، ئادالەتكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلارغا چېتىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ تېررورلۇق، قانۇن ئىجرائاتى ۋە ئىستىخبارات تۆۋەن كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە دائىرىلىرى 2021-يىلى 1-ئايدىن بۇ يىل 10-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكانىڭ 20 ئىشتاتىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك جاسۇسلۇق ۋەقەلىرىدىن 55 دېلونى بىر تەرەپ قىلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى ۋە دېموكراتىك قىممەت ئۆلچىمىگە جىددىي تەھدىت سالماقتا. خىتاي پۇقرالىرى ۋە خىتاي پۇقراسى بولمىغان، ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە ئىشلەيدىغان شەخسلەرنىڭ ھەر خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ھۆكۈمەت، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تېز كېڭەيمەكتە.»
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، 2000-يىلىدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى 224 جاسۇسلۇق ۋەقەسى بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ 80 پىرسەنتى خىتايغا پايدىلىق ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق دېلوسى ئىكەن. دوكلاتتا، بۇنىڭ 60 پىرسەنتىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا چېتىشلىق جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن ئوغرىلىغان ئەقلىي مۈلۈك سوممىسىنىڭ قىممىتى مىلياردلىغان دوللارغا يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ھەر بىر ئامېرىكا ئائىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ 4 مىڭ دوللاردىن 6 مىڭ دوللارغا قەدەر بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى چېگرا سىرتىدىكى ئۆكتىچىلەرنى يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا باستۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.