ئامېرىكا خىتاينى تىجارەت مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋاكالەت ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن تەدبىر ئالمىدى» دەپ ئەيىبلىدى.
ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرى بولغان سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ھەتتا خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي سىرتىدىمۇ يۈز بېرىشكە باشلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان. ئەمما، ئامېرىكىدىكى گېنېرال موتورس، موتورولا، دۇپونت قاتارلىق چوڭ شېركەتلەر ھەممىسىدە ئىلگىرى خىتاي ئۈچۈن تېخنىكا جاسۇسلۇقى قىلغان خىزمەتچىلەر بايقالغان ئىدى. ئاقساراينىڭ ئېيتىشىچە، 2010 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدىلا خىتاي شېركەتلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىجارەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش ۋەقەسىدىن 17 سى ئاشكارىلانغان.
ئاقساراي سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەرگە قارىتا ئوخشىمايدىغان تىجارەت سىياسەتلىرىنى بېكىتىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.