ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 21-دېكابىردا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئەزاسىغا جازا ئېلان قىلغانىدى. خەلقئارا جەمئىيەت

بىردەك «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتەملەرچە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلەۋاتقان بۇ قىلمىشىنى 11-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىمۇ كەسكىن تەنقىدلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە 10-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا نېيدىن مېئانزا، نۇرى تۈركەل قاتارلىق تۆت نەپەر كومىسسارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان جازانىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان يەنە بىر تۈرلۈك قەبىھلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئۈچ نەپەر كومىسسارىغا، شۇنىڭدەك ئامېرىكا تۇپرىقىدا ۋە باشقا جايلاردا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۆپلىگەن كىشىلەرگە ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوقلا جازا ئېلان قىلدى. بىز بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمايمىز، شۇنداقلا جازاغا ئۇچرىغان ئاشۇ كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن.

ئۇ باياناتنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى پاش قىلغۇچىلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن قوللانغان بۇ خىل قىلمىشى ماھىيەتتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇ رايونغا تېخىمۇ بەكرەك مەركەزلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقاچان بۇ خىل قىلمىشنى، جۈملىدىن ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە ئامېرىكا خەلقىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۈرمىگە قاماشتەك ئىشلارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسىغا جازا ئېلان قىلىشىنى ئەيىبلەپ: «خىتاينىڭ بۇ خىل تېرە تاراقشىتىشلىرى بىزنى قورقۇتالمايدۇ. بىز ھەرقاچان ئادالەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئاشكارا قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.