خىتاي جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە نارازىلىق ئىنكاس قايتۇردى


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتون كارتېر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىش رايونىدا ھەر قانداق پائالىيەتلەرنى توختىتىشنى،چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى مىقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەشتون كارتېر بۇ سۆزىنى سىنگاپۇردا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان ھەمدە ئۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىن جەريانىدا يەن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ؛ خىتايدىن جەنۇبىي دېڭىزدا ئارال قۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

31 - ماي كۈنى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاي ئارمىيەسىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى سۇن جيەنگو سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرى مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان تەنقىدىنى قاتتىق رەت قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئارال قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ «توغرا، قانۇنلۇق ۋە يوللۇق»ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەشتون كارتېرنىڭ سۆزىدىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىز تاقىم ئاراللىرىدىكى ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى ئىش ئىكەنلىكى>نى كۆرسىتىپ، «، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلە بولماسلىقى كېرەك» دېگەن.

خىتاينىڭ تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى دېڭىز رايونىدا سۈنئىي ئارال قۇرۇشى ۋە باشقا پائالىيەتلىرىگە قارىتا رايوندىكى دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. تالاش - تارتىشتىكى ئاراللار مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي، فىلىپپىن، ۋيېتنام ۋە باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، رايون ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.