خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا راست ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان

خىتاي ئاخباراتىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا راست ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان.

مانېۋىرغا خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى، ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمۇ قاتناشقان. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىكى مانېۋىرنى5 - ئىيۇل باشلىغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى مانېۋىرنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى مانېۋىردا رەسمىي ئوق ئىشلىتىلگەنلىكىدە ئىكەن.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى بۇ مانېۋىرنىڭ ئالدىن پىلانلانغان ئادەتتىكى مانېۋىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ خەلقئارا سوت فىلىپپىن زېمىن دەۋاسى ئۈستىدىن چرقىرىدىغان سوت نەتىجىسىنىڭ ئالدىغا توغرا كېلىشى دىققەت چەككەن.

فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى يەر ئىگىلەش ھەرىكىتىگە قارىشى 3 يىل ئاۋۋال خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنغان، خەلقئارا سوت ئۆتكەن يىلى كۈزدە فىلىپپىننىڭ شىكايىتىگە بىر قېتىم قاراپ چىققان ۋە 6 - ئىيۇل مەزكۇر شىكايەت ئۈستىدىن قارار چىرقىرىغان سوتنى باشلىغان. ھالبۇكى خىتاي بۇ قېتىمقى سوتنى بايقۇت قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى ئىستانسىسى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە مەزكۇر مانېۋىرنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقىنى سىناشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋىيېتنام مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سپراتېل ۋە پاراسېل تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىدە بىر قىسىم خادا تاشلارنى تىندۇرۇپ سۈنئىي ئاراللارنى ياساشنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان ۋىيېتنام، مالايسىيا،بىرۇنېي ۋە فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.