2018‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كارخانىلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپەيگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2018‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رايونىدا خىتاي كارخانىلىرى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىپ، يېڭىدىن ئوتتۇرا-كىچىك تىپلىق 19 مىڭ كارخانا پەيدا بولغان.

ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ «مەركىزى شەھەر ئىستېمالچىلار گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى 170 مىڭ ئادەم بۇ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان. مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا زاۋۇت-كارخانىلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

يېقىندا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى «تەيدا» ناملىق بىر خىتاي شىركىتىنىڭ خوتەندىكى بىر لاگېردا زاۋۇت قۇرۇپ، كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقارغانلىقى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. «تەيدا» شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلغان ئامېرىكىدىكى باجېر ناملىق تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك تورى، بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرىنى غۇلجا ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «جيافاڭ ئىشلەپچىقىرىش باغچىسى» غا يۆتكەپ كەلگەنلىكى، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بۇ باغچىدىكى كارخانىلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«مەركىزى شەھەر ئىستېمالچىلار گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىقتىسادى بايلىق تەننەرخىنى چۈشۈرۈش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويغان ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشقا باشلىغان. شۇنىڭدەك يەنە «ئىشلەپچىقىرىش باغچىلىرى» نامىدىكى يېنىك سانائەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىپ، نۇرغۇن توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرىنى بۇ باغچىلارغا يۆتكەپ چىققان ئىدى. «مەركىزى شەھەر ئىستېمالچىلار گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەرنىڭ 2019‏-يىللىق پىلانى بۇ يىل يۇقىرىقىدەك ئەمگەك زىچلىقى يۇقىرى زاۋۇت-كارخانىلارنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى ھەقسىز ياكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت