خىتاي ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.10.09


رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى «نۇرلۇق جۇڭگوغا يۈرۈش» پائالىيىتىنى باشلىغۇچى، ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇاڭ مىڭشۈن يېقىندا خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن خۇئاڭ مىڭشۈن ئۈستىدىن 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بولغان.

خۇئاڭ مىڭشۈن ئۆزىنىڭ باشقا تۆت سەپدېشى بىلەن بىرگە 2013 - يىلى، گۇاڭدۇڭدىن «نۇرلۇق جۇڭگو چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈرۈشى»دەپ ئاتالغان پائالىيەتنى باشلاپ، 2013 - يىلى، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ چىبى شەھىرىگە كېلىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا دېموكراتىيىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن 1 5كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا ئۇچرىغان، ئەمما، ئاخىرىدا خۇئاڭ مىڭشۈن ۋە ئۇنىڭ ئىككى سەپدېشى رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

خۇئاڭ مىڭشۈن ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا ياتقىنىغا ئۈچ يىل تۆت ئايدا بولغاندا ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈمى قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.