خىتاي ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق يېڭى نۆۋەتلىك كېڭىشىدىكى 13 ئەزانىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.12

12-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ يېڭى نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش يىغىنىدا، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 13 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى.

ب د ت ئومۇمى قۇرۇلتىيىنىڭ 2014-، 2016-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش سايلىمىغا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىن خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام، مالدىۋې ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق 5 دۆلەت ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. بۈگۈنكى سايلام نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن بىرلىكتە يەنە ۋىيېتنام، رۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كۇبامۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەزالىق مۇددىتى 2014-يىل 1-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ 3 يىل داۋاملىشىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرىلا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىبەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىغا سايلىنىشىغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.