داۋىد ئالتون ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان
2024.11.21
ئەنگلىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىگە سوئال قويغان.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى داۋىد ئالتون (David Alton) 20-نويابىر ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ 7 نەپەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسىغا قويغان جازا تەدبىرىنى بىكار قىلىش بەدىلىگە ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قويغان جازا تەدبىرىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، پارلامېنتتىكى ھۆكۈمەت ۋەكىلىدىن بۇ خەۋەرنىڭ توغرا ياكى يالغانلىقىنى سورىغان. ئۇ سۆزىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەمەلدارلارغا قويۇلغان جازانى بىكار قىلىش بەدىلىگە ئەنگلىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جازاسىنى بىكار قىلىش ئەخلاقىي جەھەتتىن قەتئىي خاتا بىر ھەرىكەت ۋە بىز بۇنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن.
داۋىد ئالتون يەنە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭلۇق دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە پۇقراسى بولغان جىممىي لەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 45 نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىگە جازا ھۆكمى ئېلان قىلغان كۈنى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بىر رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەكچى پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولۇپ سايلانغان كىيىر ستارمىر (Keir Starmer) نىڭ يېقىندىن بۇيان خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئالاقىنى زور كۆلەمدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سىياسەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.