ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىيۇستوندىكى كونسۇلخانىسىنى 72 سائەت ئىچىدە تاقاشقا بۇيرۇدى

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 22-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاشقا ئۇرۇنغانلىقى سەۋەبلىك 72-سائەت ئىچىدە تاقاشقا بۇيرۇغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 22-ئىيۇل دانىيەنىڭ كوپېنھاگېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكادا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىشى ئىزچىل مەسىلە بولۇپ كەلدى. بىز خىتاي كومپارتىيەسىگە پۇرسەت بەردۇق. ئۇلار ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. بىز ئەمدى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ۋە ئىقتىسادىمىزنى قوغدايدىغان ھەرىكەتكە ئۆتىمىز».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات بەرگەن بولۇپ، باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ قېتىملىق تاقاش خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا، يەنى ئۇنىڭ ‹ئىزچىل جاسۇسلۇق ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى›گە قايتۇرۇلغان جاۋاب».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس ئامېرىكانىڭ چىقارغان بۇ قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ۋيېنا ئەھدىنامىسىدە دىپلوماتلارنىڭ ‹قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەجبۇرىيىتى بار› دېيىلگەن. لېكىن خىتاي ئىزچىل جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئامېرىكانىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋراي ۋە باش تەپتىش بارر ئېيتقاندەك، خىتاي ئەمەلدارلىرى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە ئارىلاشتى، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلىدى، خىتايدا ياشايدىغان خىتاي ئامېرىكالىقلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەھدىت سالدى. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ خىيۇستوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاش بۇيرۇقىنى بەردى».

يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.