كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈزلىگەن ئامما شەھەرگە يېقىن قۇرۇلىدىغان خىمىيە زاۋۇتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

شەنبە كۈنى خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈزلىگەن ئامما نامايىش قىلىپ، شەھەرگە يېقىن قۇرۇلىدىغان خىمىيە زاۋۇتىغا نارازىلىق بىلدۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى 200 ئەتراپىدا.

نامايىشچىلار زەھەرلىك نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇلغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زاۋۇت قۇرۇلۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش تىزلا بېسىقتۇرۇلغان.

دەل شۇ كۈنى چېڭدۇ شەھىرىدە ساقچىلار ئالدىن قول سېلىپ مەزكۇر شەھەردە ئۆتكۈزۈلۈش پىلان قىلىنغان مۇھىت بۇلغىنىشقا قارشى نامايىشنى قىلدۇرمىغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، چېڭدۇلۇقلار شەھەر مۇھىتىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئېغىرلىقى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرغانلىقىدىن نارازى ئىكەن.