خىتاي لاداخ رايونىغا يېقىن خوتەن ھەربىي بازىسىدىكى ئايروپىلان يولىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.04.09

خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالغان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ خوتەندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسى خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ھالەتكە كەلگەن.

بۇ ھەقتە ھىندىستان «يېڭى دېھلى» گېزىتىنىڭ 8-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ئۆزلىرى ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستان (ھازىرقى شىنجاڭ) نىڭ خوتەن دىيارىدا ئىككى ئايروپىلان يولىنى ياساپ، بۇ ھەپتە ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇ ھەرىكەت ھەربىي داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغان مەزكۇر رايوندا ئەسكەر ۋە قورال كۆپەيتىش  تەقەززاسىنى پەيدا قىلىدۇ».

بۇ خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتقان سۈرەتلەردە، خوتەندىكى ئىككىنچى ئايروپىلان يولىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە بۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ لاداخ رايونىغا ئەڭ يېقىن يەرگە جايلاشقانلىقى مەلۇم بولغان. بۇ ئايروپىلان يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3700 مېتىر بولۇپ، بۇ يولنى بويلاپ بىر قىسىم ھەربىي قۇرۇلۇشلار، بىنالار سېلىنغان.

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىل ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا چېگرا سوقۇشى يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھىندىستانغا چېگراداش رايونلىرىدا ئايرودۇرۇم، تىك ئۇچار قونۇش ئورنى، تۆمۈر يول، كۆۋرۈك قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۆپەيتكەن.

گەرچە خىتاينىڭ خوتەندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا جىددىي ھەرىكەت كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، خىتاي ئارمىيەسى، جۈملىدىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بۇ بازىدىن ھامان بىر كۈنى پايدىلىنىپ ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن. ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن ئۇچۇرغا كۆرە، ئۇلار لاداخ رايونىنىڭ شەرقىدىكى ھەربىي بازىسى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىشكە كىرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.