ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشتىن چەكلەيدىغان قانۇن كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 25-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە كۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى مالىيە مىنىستىرلىقىغا خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ماددىنى ماقۇللىغان. ئالتىگە قارشى 91 ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن بۇ ماددا دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن تۈزىتىش بولۇپ، ئالدىمىزدىكى ھەپتە بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتا نۇسخىسى ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتايدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىغا چەكلىمە قويىدىغان بۇ قانۇننى ماقۇللاش خىزمىتى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكالىقلارنى خىتاينىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئىدراك ۋە كۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەيدىغان مەمۇرىي بۇيرۇقى بىلەن ماس قەدەمدە ئەپ بېرىلغان.

بايدىن ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئامېرىكانىڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنى ھەل قىلغۇچ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تېخنىكىلارنى خىتايغا سېتىشتىن چەكلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر «يەتتە دۆلەت گۇرۇھى» (G7) قاتارلىق شېرىك دۆلەتلەرنىمۇ خىتايغا مۇشۇ خىل چەكلىمىنى قويۇشقا قايىل قىلغان.