ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى خادىملار لوس-ئانجېلىسنىڭ لوڭ بىچ پورتىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولغان 32 ساندۇق ئاياللار تېرە پەلىيىنى تۇتۇپ قالغان. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باسقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تورىدا 15-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىشىچە، بۇ 32 ساندۇق پەلەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا (جېلىليۈزى) ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان جوۋەن كىيىم-كەچەك شىركىتى ۋە باۋدىڭدىكى بىر سودا-تىجارەت شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن.
توردىكى ئۇچۇردا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارشى سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىلگىرىمۇ جوۋەن كىيىم-كېچەك شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىر قانچە قېتىم تۇتۇپ قالغان.
بۇ قېتىم ئۇلار بىر ئايدەك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تېرە پەلەيلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. ئامېرىكا تاموژنا-چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى مارك مورگان بۇ توغرىسىدا توختىلىپ: «ترامپ ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ رەھىمسىز قىلمىشىغا قارشى كەسكىن تەدبىر قوللانماقتا. مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلارنى زوراۋانلىققا، ۋەھىمىگە دۇچار قىلىپلا قالماي، بەلكى ئامېرىكا كارخانىلىرىغا ۋە ئىقتىسادىغا زىيان سالماقتا،» دېگەن.