«كۈندىلىك مەكتۇبلار-ئاۋسترالىيە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى Target ۋە Cotton On تاۋار شېركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان زاۋۇتلاردىن پاختا مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈشنى توختاتقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، Cotton On شېركىتى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى «لىتەي» توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، «لىتەي» توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان ئىكەن. Cotton On بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن يۇقىرىقى شېركەت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيەدىكى Target شېركىتىمۇ 17-سېنتەبىر كۈنىدىكى باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى «خۇافۇ» دەيدىغان بىر شېركەتتىن مال تەمىنلەپ كەلگەنلىكى، ئۇ زاۋۇتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن خۇافۇ شېركىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ لاگېرلارنىڭ يېنىغا ياكى يېقىن جايلارغا قۇرۇلغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكادا كۈچلۈك دىققەت قوزغاشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خوتەندىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان «تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىشىنى چەكلەپ، شېركەتنىڭ ماللىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قالغان ئىدى.
يۇقىرىقى Target ۋە Cotton On شېركەتلىرىنىڭ بۇ قارارى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار بۇنىڭ باشقا شېركەتلەر ئۈچۈن ياخشى ئۆرنەك بولغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.