گوردون چاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى «ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى» بىلەن باغلاپ مۇلاھىزە قىلدى

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى «گېيتستون خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات ئورگىنى» تور بېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە ئاپتورى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە شى جىنىپىڭ ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى مۇلاھىزە قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى پەقەت خىتايغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان پەرقلىق مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا سولاۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى يىغىۋېلىپ ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئوخشىمىغان دىنلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللارنى مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق پۈتۈن بۇ سىياسەتلەرنىڭ تېگىدە ياتقان سەۋەبنىڭ «ئىرقچىلىق»، يەنى ئەشەددىي خىتاي مىللەتچىلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ خىتاينىڭ تارىخى رىۋايەتلىرىدىن مىسال كەلتۈرۈپ، خىتايدا خىتاي مىللىتىنى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بىر قاراشنىڭ بارلىقىنى، مەكتەپلەردىمۇ مۇشۇ خىل ئىدىيەنىڭ بالىلارغا سىڭدۈرۈلىدىغانلىقىنى، شۇڭا خىتايلارنىڭ ئۆزىنى دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن ئۈستۈن دەپ قارايدىغان خاھىشنىڭ ئېغىرلىقىنى بايان قىلغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى بىلەن خىتايدىكى ئىرقچىلىق ئالامەتلىرى ئۆزىنى ئېنىق نامايان قىلغان. ئۇ ئادولف گېتلىر دەۋرىنى ئەسلىتىدىغان لاگېر، ئىرقچىلىق، بىر مىللەتنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋە دۇنيانى كونترول ئاستىغا ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تېرمىنلارنىڭ شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتايدا قايتا تىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.