خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللارنى تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشقا قىستىشى قارشىلىققا دۇچ كەلگەن
2024.01.02
ئۇيغۇر ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاياللىرىنى تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشقا قىستىشى، خىتاي ئاياللىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 2-يانۋار كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھازىر تەخمىنەن بىر مىليارد 400 مىليون بولغان خىتاي نوپۇسىنىڭ 2100-يىلىغا بارغاندا 500 مىليون ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا «ئاياللار سەۋەبچى» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاياللىرىنى تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشقا قىستىشى، چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ھەم شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئاساسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان.
«ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلى خىتايدا 16 مىليون بوۋاق تۇغۇلغان بولسا، 2022-يىلى 10 مىليون بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي نوپۇس جەھەتتىن چۆكۈشكە قاراپ كېتىپ بارماقتا ئىكەن. مەزكۇر خەۋەردە، ھۆكۈمەتنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن تويغان، بالا ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالىمايۋاتقان نۇرغۇنلىغان ياش خىتاي ئاياللىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشنى رەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، خىتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن «ئاياللارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، «شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپنى كۆزدە تۇتمىغانلىقى، بەلكى ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن چوڭ خەۋپ، دەپ ئويلايدىغانلىقى ئېنىق» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشقان.
خەۋەردە، خىتايدا بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلۇشى 2022-يىلى تۇنجى قېتىم 1960-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئاچارچىلىقتىن بۇيان 11 مىليوننىڭ ئاستىغا چۈشكەنلىكى، 1961-يىلىدىكى ئاچارچىلىقتا خىتاي بويىچە 11 مىليون 870 مىڭ بوۋاق تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.