خىتاي نوپۇسىنىڭ ئىزچىل كېمىيىشى دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.01.17

خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 17-يانۋار ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي نوپۇسى 1 مىليارد 490 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس كېمەيگەن. بۇ سان ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئىستاتىسكىدىنمۇ تۆۋەن بولغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئالدىنقى يىلىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 6.39 پىرسەنت بولغان ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇغۇلۇش نىسبىتىدە ئەڭ تۆۋەن رېكوردنى ياراتقان. ئۆلۈم نىسبىتى بولسا 7.87 پىرسەنت بولۇپ، بۇ سان ئۇدا ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۆرلەپ ماڭماقتا ئىكەن. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتاي نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى مىنۇس 1.48 پىرسەنت بولغان ھەمدە ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىدا 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئەمگەك يېشىدىكى نوپۇس پۈتكۈل خىتاي نوپۇسىنىڭ 61.3 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. بۇ سان ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئون مىليون كىشى ئازايغان. 60 ياشتىن ئاشقانلار ۋە 65 ياشنىڭ يۇقىرىسىدىكىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 21.1 پىرسەنت ۋە 15.4 پىرسەنت بولۇپ، نوپۇستىكى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى 2022-يىلىدىكىدىن تېخىمۇ ئاشقان.

نۆۋەتتە خىتاي نوپۇسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.