يېقىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىدىن كەمچەت تۇماق ۋە كەشتىلەنگەن تون كىيىپ فىرانسىيە پايتەختى پارىژ كوچىلىرىدا ھەمدە پارىژدىكى داڭلىق مۇزېيلاردا يۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىگە سازاۋەر بولغان ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ ئىككى ياش ئەر-ئايالنىڭ كىيىمى ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكى ۋە خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، پارىژ كوچىلىرىنى ئايلىنىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغانىدى. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىننىڭ بۇ ۋىدىيونى X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىشى، بۇ ۋىدىيونىڭ مەقسىتى ۋە بۇ ئىككى ئەر-ئايالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلماقتا.
نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدىكى ئىنكاسلاردا بۇ ۋىدىيودىكى ئەر-ئايالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ ئالاقىسى بارلىقى، بۇ ۋىدىيو نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى دۇنياغا قارىتا كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقان «شىنجاڭنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ۋىدىيونى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ھەمبەھىرلىگەندە ئۇنىڭغا «شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرى پارىژدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى» دەپ ئىنكاس يازغان. ئۇنىڭ يازغان ئىنكاسى ۋىدىيودىكى ئەر-ئايالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتا سوئال پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى، شۇنداقلا «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چەكلىشى ياكى بايقۇت قىلىشىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بولۇشىدىن بېرى، چەتئەلدە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋىدىيودىكى دىلرابا يۈسۈپ ئىسىملىك ئايال 2018-يىلى گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىققان ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىستېمالچىلارغا قانۇنسىز ۋىتامىن ۋە چاچ ئۆستۈرۈش كەمپۈتى سېتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئەرز قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.