خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى ژۇرنالىست گاۋ يۈنى 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلدى

بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت جۈمە كۈنى ئاتاقلىق خىتاي ئايال ئۆكتىچى ژۇرنالىست گاۋ يۈ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بەردى. سوت ئۇنىڭغا «چەتئەللىكلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلەش» جىنايىتى ئارتقان.

گاۋ يۈنىڭ ئادۋوكاتى شا باۋجۈن، بۇ جىنايەتكە دەسمى بولغۇدەك ھېچقانداق پاكىت يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، گاۋ يۈ بىلەن 10 كۈن ئىچىدە يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلىشنى مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دەلىلى يېتەرلىك ئەمەس. گاۋ يۈنىڭ تەھدىت ئاستىدا بەرگەن ئىقرارى ئاساسلىق دەلىل بولۇپ قالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى گاۋ يۈنى 2013‏-يىلى 7‏-ئايدا نيۇيوركتىكى «مىڭجىڭ» ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ باشلىقى خې پىڭغا سكايپ ئارقىلىق خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 9‏-نومۇرلۇق ھۆججىتىنى ئەۋەتىپ بەرگەن، دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق خې پىڭ، گاۋ يۈنىڭ ئۇنداق بىر ھۆججەت ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل 71 ياشلىق گاۋ يۈ، 2014‏-يىلى 5‏-ئايدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى گاۋ يۈگە بېرىلگەن قاماق جازاسىنى دەرھال تەنقىد قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئۆمىكىنىڭ 1‏-كاتىپى رافائېل درولېۋىسكي جۈمە كۈنى «بۇ ھۆكۈم بىزنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ جۈملىدىن ئادۋوكات ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئەھۋالىدىن تۇيغان ئەندىشىمىزنى كۈچەيتتى» دېگەن.