دائىرىلەر «تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» گە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان خىتاي ئۆكتىچىنى تۇتۇپ كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.29

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى خۇنەنلىك ئۆكتىچى جاۋ فېڭشىڭنى تۇتۇپ كەتكەن. جاۋ فېڭشىڭنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئۇنىڭ يېقىندا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

جاۋ فېڭشىڭ ئوچۇق خېتىدە ئەسكەرتىپ، تيەنئەنمېن ھۇجۇمىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى، بىراق بۇ ۋەقەنى كومپارتىيىنىڭ زوراۋانلىقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يېنىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېقىندا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ، 28‏-ئۆكتەبىر«تيەنئەنمېن ھۇجۇمى» نى «جىھاد ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ئورگان ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ت ئى پ نىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

جاۋ فېڭشىڭ 26‏-نويابىر 3 خىل تىلدا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى رەھبىرى ئابدۇللا مەنسۇرغا قارىتىپ يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.