«دىپلومات» ژۇرنىلى 7-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلاق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك چارە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. «دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شەنون تېيزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە تەكىتلىشىچە، «غەرب لىبېرال دېموكراتىيەسى بىلەن تەنتەربىيەچىلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ ئولىمپىك چۈشىنى يوققا چىقارغۇدەك كەڭ باغلىنىش بار» ئىكەن.
شەنون تېيزىنىڭ تەكىتلىشىچە، گەرچە 160 دەك خەلقئارا تەشكىلات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا خەت يېزىپ، بېيجىڭ قىشلاق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس ئىكەن. شەنون تېيزى «بېيجىڭ قىشلاق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتتىق ناچارلاشقان بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخنىڭ «سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى سەۋەبلىك» ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشقا قارشى تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، غەربتىكى لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەر قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدە مەيلى تەنتەربىيە ماھارىتى، مەيلى قىزىقىپ كۆرۈش جەھەتلەردە بولسۇن، ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسىنى كۆرمەسكە سالغان، ئۇنى نورماللاشتۇرغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلسا، بۇ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەجەللىك زەربە بولىدىكەن.