خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە غايەت زور مەبلەغ، ئادەم كۈچى ۋە 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خىتاينىڭ خەن دەۋرىدە ھۇنلارغا قارشى غەربىي رايونغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى جاڭ چىيەن توغرىسىدا چوڭ تىپلىق ئوپېرا ئىشلىگەن. «جاڭ چىيەن» ناملىق چوڭ تىپلىق بۇ ئوپېرا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي، تارىخىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىشلەنگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئوپېرا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تارىخىغا قارىتا رەسمىي قارىشىنى سەنئەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان گۇمانلارنى يوقاتماقچى ئىكەن. خىتاي تارىخىي ماتېرىياللىرىدا خەن پادىشاھى خەنۋۇدىنىڭ جاڭ چىيەننى ھۇنلارغا قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەشكە مىلادىدىن بۇرۇنقى 139-يىلى غەيرىي رايونغا ئەۋەتكەنلىكى، جاڭ چىيەننىڭ ئون نەچچە يىللىق غەربىي رايون سەپىرىدە نۇرغۇن ئاخبارات توپلاپ، خەن سۇلالىسىنىڭ ھۇنلارنى مەغلۇپ قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
لېكىن خىتاينىڭ كېيىنكى ھۆكۈمەتلىرى «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئەزەلدىن تارتىپ بىر قىسمى» دېگەننى ئالغا سۈرۈشتە جاڭ چىيەننى دەستەك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 17-ئۆكتەبىر 4 قىسىملىق مەزكۇر ئوپېرانىڭ پۈتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات يىغىنى چاقىرغان. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخبارات يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن يەنبىن، «جاڭ چيەن» ئوپېراسىنى چوقۇم خەۋەر، مەخسۇس تەشۋىقات دوكلاتى ۋە ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق «پۈتۈن خىتايغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، دېگەننى نامايان قىلىش كېرەك» دېگەن.