خەلقئارا تېببىي ساھەدىكىلەر ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.04.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«بۈيۈك ئېرا» گېزىتىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئادەم ئورگانلىرىنى كۆچۈرۈش تەشكىلاتلىرى يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ بىرلىكتە ئىمزا قويغان.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي سىستېمىسىنىڭ ئادەم ئورگانلىرىنى ئېلىپ-سېتىش ھادىسىلىرىگە يوچۇق ئېچىۋاتقانلىقى ھەمدە تېببىي ساھە بويىچە خەلقئارا قائىدە-نىزاملارنى بۇزۇۋاتقانلىقى قاتتىق ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر ئادەم ئورگانلىرىنى ئېلىپ-سېتىش بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قاراڭغۇ بازارغا ئايلانغان. بولۇپمۇ 1999-يىلىدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ-سېتىش قىلمىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنىمۇ مەجبۇرىي كۆچۈرگەنلىكىگە دائىر بىر-قىسىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر خەتتە ئادەم ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە قارشى خەلقئارا تېببىي ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى تورستېن تىرېي خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.