خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.24

خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى  ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى 24-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي ساھىبخانىلىقىدىكى بۇ يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەنلىكى، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈننىڭ يىغىندىكى ئاساسلىق نۇتۇق سۆزلىگۈچى بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

 جاڭ جۈن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئالىي سوتچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ يىغىننى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىلىرى بىلەن «ئورتاق، ئومۇميۈزلۈك، ھەمكارلىق ۋە ئىزچىل بىخەتەرلىك نۇقتىئىنەزىرى بويىچە ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە بىرلىكتە زەربە بېرىش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى، چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، رايون بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداشنىڭ پۇرسىتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەلقئارادا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئىزچىل «تېررورلۇق» ۋە «دىنىي رادىكاللىق» نى باھانە قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقاندا، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوتچىلىرىدىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغان 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان «ئۈچ خىل كۈچلەر» ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىغىن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول  پىلانى» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆزىگە باغلاپلا قالماي، بۇ دۆلەتلەرنى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىدىمۇ خىتاينىڭ قانۇنچىلىق سىستېمىسىغا تارتىپ كىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ  24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، جاڭ جۈننىڭ ئەدلىيە سوت خىزمىتىنى تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سوتنىڭ سۈنئىي ئەقىل ۋە رەقەملىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى «رەقەملەشكەن يىپەك يولى» شەكىللەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.