خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى 300 مىليارد دوللار قەرزى بىلەن ھېساباتنى بوغۇشقا بۇيرۇلغان

خوڭكوڭدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 29-يانۋار دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولغان خېڭدا گۇرۇھىنى 330 مىليارد دوللار قەرزى بىلەن ھېساباتنى بوغۇشقا بۇيرۇغان. سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارى خىتايدا ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ‍ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېپىرلاۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ داۋالغۇش ئىچىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا زەنجىرسىمان تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 330 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلۇپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان خېڭدا گۇرۇھى 2021-يىلدىن بېرى ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شىركەتنى قايتا تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن؛ ئەمما خوڭكوڭ سوتچىسى Linda Chan 29-يانۋار كۈنى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ ھېساباتنى بوغۇشىنى بۇيرۇغان.

خەۋەرلەردە، سوتچى خېڭدا گۇرۇھىنىڭ 18 ئايدىن بېرى شىركەتنى قايتا تەرتىپكە سېلىشتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلمىغانلىقىغا قارىتا يۇقىرىقى قارارنى بېرىپ، ئۇنىڭ ھېساباتنى بوغۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمۈكتە. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن خەلقئارا قەرز ئىگىلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ مۈلكىنى ئىگىلىشىگە يول قويۇش-قويماسلىقى مەلۇم ئەمەس. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، سوتنىڭ قارارى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا ئەندىشىنى كۈچەيتىدىغانلىقى، دۇنيانىڭ 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى بولغان خىتاي ئىقتىسادىنى تەۋرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 330 مىليارد دوللار قەرزگە بوغۇلغان خېڭدا گۇرۇھىنىڭ خىتاي مىقياسىدا نەچچە يۈزلەرچە تېخى پۈتمىگەن تۇرالغۇ ئۆي رايونلىرى بار ئىكەن.

خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنىڭ ئارقىسىدىن خېڭدا گۇرۇھىنىڭ خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدىكى پاي چېكى بىراقلا 20 پىرسەنتتىن ئارتۇق چۈشۈپ كېتىپ، خېڭدا گۇرۇھى پاي چېكى سودىسىنى توختاتقان. 240 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلكى بار دەپ قارالغان خېڭدا گۇرۇھى، 2021-يىلىدىن باشلاپ قەرزىنى قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.