خىتاي پاي چېكى بازىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى
2025.01.22
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پات ئارىدا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا 10 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى جازاسى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خىتاي پاي چېكى بازىرى، بولۇپمۇ خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىدا زور تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. جۈملىدىن خىتاينىڭ «كۆك ئۆزەك CSI» ۋە «شاڭخەي بىرلەشمىسى» قاتارلىق پايچەكلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچ قىممىتى بىر كۈندىلا بىر پىرسەنتكە يېقىن چۈشۈپ كەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى دۇنيادىكى ئىككىنچى ئىقتىسادىي زور گەۋدە، دەپ تونۇلۇۋاتقان خىتاي ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدىكەن. چۈنكى خىتاي ئىزچىل ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ۋە تۆۋەنلەۋاتقان ئىستېمال تەلىپىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقاندا، ئىقتىسادىي ساھەدىكى بۇ خىل چارىلەر ئىقتىسادىي كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدىكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي پاي چېكى بازىرىدا ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ پاي چەكلىرى تۆت پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن يىپ جۇنروڭ (Yeap Jun Rong) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي پاي چېكى بازىرى ئىزچىل خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجى چارىسى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن، دېگەن ئىدىيە بويىچە مېڭىۋاتقان. چۈنكى دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدا ئىش باشلىغان 1-كۈنىدىكى ئىجرائىيە بۇيرۇقلىرى ئىچىدە بۇنداق مەزمۇن يوق ئىدى» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي پاي چېكى بازىرىدا كۆرۈلگەن جىددىي تۆۋەنلەش پەقەت بۇنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ناۋادا دونالد ترامپ تەكىتلىگەن 60 پىرسەنتلىك تاموژنا بېجى ئىجرا قىلىنسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ بەكمۇ ئېغىر بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.