خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىمەكتە
2024.01.17
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» نىڭ 16-يانۋاردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كاساتچىلىق تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى داۋالغۇش نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېغىرلاشقا يۈزلەنگەن.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم غول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى زىيىنى تۆت تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن. بولۇپمۇ خىتايدا ئاللىقاچان پۈتۈپ بازارغا سېلىنىپ بولغان، ئەمما سېتىلماي تۇرۇۋاتقان ئۆيلەر ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليارد كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنچە كۆپ ئۆينىڭ بېسىلىپ قېلىشى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئۈچۈن غايەت زور كرىزىس بولۇپ تۇرماقتىكەن. نەتىجىدە بانكا سىستېمىسىنىڭ داۋالغۇشتا قېلىشى بىلەن ئۆي-مۈلۈك بازىرى تېخىمۇ كاساتلاشقان.
بانكا ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى بۇ خىل كرىزىسلار تەبىئىي رەۋىشتە خىتاي پاي چېكى بازىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي پاي چېكى بازىرىدىكى ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. بۇ ھال ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 25 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن. پاي چېكى بازىرىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەشنى كونترول قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان بەزى چەكلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ زور ساندىكى پاي چەكلىرىنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئەمما بۇ ھال تېزدىن غايەت زور قارشىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 2024-يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىش ياكى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مەبلىغىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە غايەت زور پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار 2023-يىلىدىن بۇيان خىتاي پاي چېكى بازىرىغا سالغان مەبلىغىنى زور كۆلەمدە چېكىندۈرۈپ كېتىشكە باشلىغان. بۇمۇ خىتاي پاي چېكى بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تېز سۈرئەتلىك چېكىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بولۇپ قالغان.