خىتاي پايچەكلىرى سېنتەبىر كىرىشى بىلەن يەنە جىددىي تۆۋەنلەشكە باشلىدى. شاڭخەي ئىندېكسى 31-ئاۋغۇست بىر ئاز يۇقىرى ئۆرلىگەن بۆلسىمۇ، 1-سېنتەبىر 1.23 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. تۆۋەنلەش چارشەنبە كۈنىمۇ داۋام قىلىپ، بازار ئەتىگەندە 4.7 پىرسەنت چۈشتى.
ھالبۇكى، شاڭخەي ئىندېكسى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، كەچقۇرۇن 0.2 پىرسەنتلىك زىيان بىلەن تاقالدى.
مەزكۇر پايچەك بازىرى ئۆتكەن 12 ئاي جەريانىدا 150 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسىمۇ، پەقەت بۇ يىل ئىيۇلنىڭ مابەينىدىلا 40 پىرسەنتكە يېقىن تۆۋەنلەپ، تەخمىنەن 4 تىرىليون دوللار زىيان كۆرسەتتى.
«بلۇمبېرگ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 5 مىڭ 100 پوئىنتقا يەتكەن شاڭخەي ئىندىكىسى 2-سېنتەبىر 3 مىڭ 160 پوئىنتقا چۈشۈپ قالدى.
خىتاي پايچەك بازىرى 4 كۈنلۈك تەتىلدىن كېيىن قايتا ئېچىلىدۇ. ھالبۇكى، مەبلەغ سالغۇچىلارنى يەنە قانداق داۋالغۇشلارنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.