خىتاينىڭ جەنۇبىي ئامېرىكادىكى پېرۇدا ئېلىپ بارغان زور كۆلەملىك دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشى، ئامېرىكانىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركو رۇبىيو، بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شارغا سىڭىپ كېرىشىدىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرغان.
ئامېرىكانىڭ يېڭى سايلانغان جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پات يېقىندا تەشكىل قىلىنىدىغان يېڭى ھۆكۈمىتىدە «ۋەزىپىگە قويۇلۇش تىزىملىكىدىكى كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى» دەپ قارىلىۋاتقان ماركو رۇبىيو، 7-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تە غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ، «كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان يامان غەرەزلىك تەسىرى، جۈملىدىن ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى، غەربىي يېرىم شاردىكى بارلىق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىشى كېرەك» دېگەن.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى جەنۇبىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لاۋرا رىچاردسون، خىتاينىڭ پېرۇدا ياساۋاتقان چوڭ تىپلىق دېڭىز پورتىنى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكاسىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكاغا ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپ-خەتىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. خەۋەرلەردە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى پېرۇغا قىلىدىغان زىيارىتىدە، تىنچ ئوكيان قىرغىقىدىكى بىر مىليارد 300 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان چانكاي پورتىنىڭ مۇراسىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنماقتا.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى، بۇ پورتنىڭ كۆلىمى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، شۇنداقلا ئۇلار خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بۇ خىل سىڭىپ كىرىش ھەرىكىتىدىن بارغانچە ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. گېنېرال لاۋرا رىچاردسون، «بۇ پورتنى مۇتلەق ھالدا دېڭىز ئارمىيەسى ئىشلىتەلەيدۇ… بىز بۇ ئويۇننىڭ لاتىن ئامېرىكاسىدىلا ئەمەس، باشقا جايلاردىمۇ ئوينالغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي يالغۇز پېرۇدىلا ئەمەس، ئارگېنتىنادىمۇ دېڭىز پورتى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. گېنېرال لاۋرا رىچاردسون، خىتاينىڭ ئارگېنتىنادىكى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان ئۇشۇئايادا دېڭىز پورتى قۇرۇش پىلانىنىڭ «ھەقىقەتەن ئەندىشە» قوزغايدىغانلىقى، چۈنكى بۇ جاينىڭ ماگېللان بوغۇزى ۋە درېيك ئۆتكىلىگە يېقىن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
