خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى بۈگۈن ئىككى پىرسەنتكە يېقىن چۈشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ چۈشۈش بارلىققا كەلگەن بىر كۈن بولۇپ قالدى.
خىتاي مەركىزى بانكىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى ئىپادىسىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى چۈشۈشنىڭ يېقىندا خىتايدىكى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى باھانىڭ بازارنى كۆپرەك ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى خىتاينى پۇلنىڭ پروۋوت قىممىتىنى قەستەن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىجارەتتە ئادىل رىقابەت قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي ئىقتىسادىغا، جۈملىدىن ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پايدىلىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قىسقا مۇددەتتە دۇنيا تىجارىتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.