پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يۇقىرى باج بېسىمى ئاستىدا خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسى داۋاملىق چۈشكەن
2025.01.08
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سايلام مەزگىلىدە خىتايدىن 60 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ، 16 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن.
ئامېرىكا «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق بانكىسى گەرچە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ۋەزىپىگە رەسمىي ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي پۇلى داۋاملىق پاخاللاشماقتا ئىكەن. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىدىن يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق چۈشۈرۈشكە، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئېكسپورتقا بولغان تەسىرىنى ئازايتىشقا مەجبۇرلايدىكەن. 1-ئاينىڭ بېشىدا خىتاي پۇلىنىڭ بىر دوللارغا تەڭ كېلىدىغان قىممىتى 7.3 يۈەندىنمۇ ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، خىتاي بانكىسىنىڭ تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن تېخىمۇ كۆپ پۇل تارقىتىشى خىتاي پۇلىنىڭ داۋاملىق پاخاللىشىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتايغا 2-قېتىملىق «سودا جېڭى» قوزغاش ئېھتىمالى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىنى تېزلەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دونالد ترامپنىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش، مال ئېكسپورتىدىكى رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشىگە يول قويغان تەقدىردە، خىتاي پۇلىدا مۇقىمسىزلىق كۆرۈلۈپ، خەلقئارا بازاردا داۋالغۇش پەيدا بولىدىكەن، سودا-تىجارەت ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
خىتاي پۇلى دۇچ كېلىۋاتقان بۇ بېسىمغا قارىتا، «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر ئىتتىپاقى» بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىپ، خەلقئارادا سودىدا دوللارغا تايىنىپ قېلىشنى ئازايتماقچى بولغان. ئەمما دوللار يەنىلا خەلقئارا سودىدا يېتەكچى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تاشقى سودىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك دوللار بىلەن ھېسابلىنىدىكەن. دونالد ترامپ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دوللارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، «دوللاردىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەرگە 100 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.