خىتاي پۇتبولدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈمىدىنى ئۇيغۇر رايونىغا باغلىدى

خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى يېقىندا خوڭكوڭ بىلەن 0:0 تەڭلىشىپ قېلىپ، خىتاينىڭ 2018‏-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈمىدى يوققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ كېيىنكى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈمىدىنى ئۇيغۇر رايونىغا باغلىغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەنتەربىيە دائىرىلىرىنىڭ پىلانى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىنىڭ كۈچىنى قوللىنىپ، 2022‏-يىلدىكى قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكەن.

يېقىندا، خىتاي دۆلەت كابىنېتى پۇتبول ئىسلاھات-تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ 6 كىشىلىك بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياش ئۆسمۈر پۇتبولچىلار، ترىنېرلار، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈر پۇتبولچىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىسى خىتاي تەنتەربىيە دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مەسىلەن، ئۈرۈمچى 5‏-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 9 قېتىم مەملىكەتلىك، 4 قېتىم خەلقئارا مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ، ئىلگىرى خەلقئارا ئۈمىد لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي كورېيە ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى 7:0، ياپونىيە كوماندىسىنى 2:1 ئۇتۇپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى.