خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن كومىتېتى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشنى «ئاساسى قانۇنغا خىلاپ» دېگەن
2021.01.22
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كومىتېتى مىللىي رايونلارنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىنى خىتاينىڭ «ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق› دەپ ئېلان قىلغان. بۇ خىتاي قانۇن چىقىرىش ئورگانىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017-يىلى 7-ئايدا ھۆججەت چۈشۈرۈپ، رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىردەك چەكلىگەندىن بېرى تۇنجى قېتىم بۇ خىل چەكلىمىگە چۈشەنچە بېرىشىدۇر. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارىنى خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەركىتىنىڭ پارچىسى» دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.
خىتايدىكى «جەنۇبىي ئاستانە» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىقى سۆزنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن-تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ، 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىدا بەرگەن 2020-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا ئېيتقان. ئۇ «خىتاينىڭ بىر قىسىم يەرلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دېگەن بەلگىلىمە ئاساسى قانۇن بىلەن بىردەك ئەمەس، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇنى تۈزۈتۈشى تەلەپ قىلىندى،» دېگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يەرلىك بەلگىلىمىلەر ئاساسى قانۇننىڭ 19-ماددىسىدىكى «دۆلەت ئورتاق تىلنى ۋە ئورتاق تىل-يېزىق قانۇنىنى ئالغا سۈرىدۇ» دېگەن ماددىغا خىلاپ ئىكەن. كۆزەتكۇچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگىنىگە 3 يىلدەك بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئەمدىلىكتە «قانۇنىي ئاساس» ئويدۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان چەكلىمىنى خىتاينىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغىمۇ كڭەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.